php تەرجىمە قىلىشتىكى مەسلىلەر

يوللىغۇچى:oghuz مەنبەسى:http://www.uyphp.com كۆرۈلۈشى:96 ۋاقتى: 2008-يىلى 07-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئادەتتە php نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش asp ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.
ئاۋال سىز تەرجىمە قىلىۋاتقان سېستىما قانداق سېستىما ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىسىز ، يەنى ساپ php ھۆججەتلىك سېستىمىسى(بۇنداق سېستىما ئاددى بولىدۇ ، يەنى tamplate ياكى skin مۇندەرىجىسى ياكى شۇ مۇندەرىجى ئىچىدە html ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمايدۇ) ، بۇنداق بەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا header ياكى top  ياكى head نامىدىكى php ھۆججەتنى تېپىپ ئىچىدىن ئوڭدىن سولغا تەڭشەشنى ئېلىپ بارىسىز ، بۇ asp غا ئوخشاش ، بەت ئىچىدىكى gb2312 دىگەن جايلارنى utf-8 گە ئۆزگەرتىسىز ، ئاندىن ساقلىغاندا قايتا ساقلاش كۇنۇپكىسىنى چىكىسىز ، چىققان كۆزنەكتە كۇدلىنىشىنى utf-8 قىلىپ تاللايسىز ۋە ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئەسلىدىكىنى باستۇرۋىتىسىز ، ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىغان جايلارنى css ھۆججىتى بولسا شۇنىڭ ئىچىدىن ، ئەگەر بولمىسا head ياكى header نامىدىكى php ھۆججەتلىرىدىن تەڭشەيسىز. بۇ ئۇسۇل html ھالىتىدىكى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمىغان سېستىمىلارغا ئىشلەيدۇ.
ئىككىنجى ئەھۋال ، ئەگەر سېستىمىنىڭ tamplate ياكى skin مۇندەرىجىسى بولسا ۋە شۇ مۇندەرىجىلەر ئىچىدە html ئۇسلۇب ھۆججىتى بولسا ، سىز php ھۆججەتلەرگە چېقىلماي ئاۋال مۇشۇ html ھۆججەتلىرى ئۈستىدە مەشخولات ئېلىپ بېرىڭ ، مەشخولات يۇقارقىغا ئوخشاش ، پەقەت php ھۆججەت ئورنىغا html ھۆججەت ئالماشتى.

ئاخىردا سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم dreamweaver ياكى editplus ئارقىلىق php سېستىمىلارنى تەھرىرلەڭ .
ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىگەن جايلارنىڭ css تىكى نامىنى تېپىپ شۇ يەردىن ئۆزگەرتىڭ ، مەسلەن:

<title112>بۇ يەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى<title112>   بۇنىڭ ئىچىدىكى «بۇ يەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى» دىگەن ئورۇن ئۇيغۇرچە نورمال بولمىسا ، سىز css ھۆججىتىنى ئېچىپ title112 دىگەن ئورۇننى ئىزدەپ شۇ يەرگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەپ بىرىڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز نورمال بولىدۇ.

ھازىرچە باھا يوللانمىدى!

باھا يوللاش:
 

ئالدىنقى ماقالە: بىر قۇر ھەرىپ بىلەن php ئۇچۇرىنى كۆرۈش

كېيىنكى ماقالە:

دوستانە ئۇلۇنىش

 
ئۇيغۇر php تورى http://www.uyphp.com UYphp CMS

Copyright © 2007 www.UYPHP.com All Rights Reserved.