بىز IlgharSiteنى لاھىلەپ ياسىغان ۋاقىتتا، پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن ئىلشلەش مۇھىتىغا بولغان تەلەپنى ئەڭ تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا، پەقەت IIS بىلەن DotNet2.0 بولسىلا، IlgharSite ئىشلىيەلەيدۇ. باشقا ئارتۇق تەلەپ يوق.
ھەقسىز نەشىرىنى ئىشلىگەندە، ئىمكان قەدەر ئىشلەتكۈچىگە بولغان تەلەپنى ئەڭ تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈشنى قولغا كەلتۈردۇق.
شۇڭا، چۈشۈرىۋالغان ھەقسىز نۇسخسىنى تور بوشلۇقىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇپ قويسىلا نورمال ئىشلەيدۇ.
IlgharSiteنى لاھىلەپ ئىشلىگەن ھەر بىر قەدەمدە، قولايلىق ۋە ئاسان بولىشىغا ئالاھىدە باش قاتۇردۇق. ھەرقانداق ئادەم، پەقەت تورغا چىقىش تەجىربىسى بولسىلا بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ تورىنى قۇرالايدىغان بۇلۇشنى نىشان قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ، يەنە كۆپلىگەن فىلىملىك دەرىسلىكلەرنى ئىشلەپ، تورغا چىقىرىپ، ھەقسىز ئۈگىنىشكە بەردۇق ۋە بىرىۋاتىمىز.
لىكىن، IlgharSiteنى ئىلان قىلغان ئىككى ھەپتىدىن بىرى، بۇ سېستىمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب كۆپ تەرەپلىمە. ئاساسلىقى بوشلۇقى DotNet2.0نى قوللىمىغان ۋە باشقۇرۇش بېتىنى تاپالمىغان(ئەمىلىيەتتە بار) دىگەندەك بولدى. تورداشلارغا تېخىمۇ كەڭ تۈردە قولايلىق يارىتىپ بىرىش يۈزىسىدىن، ئالاھىدە مۇلازىمەت چىقاردۇق، بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://ilghar.cn/UYG/services.htm