21 123
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتلاش

UyghurWeb PHP 1.0 تارقىتىلدى

بۇ تېمىنى oghuz نادىرلىدى ، مەشخولات ۋاقتى: 2008-6-17 00:01

UyghurWeb PHP 1.0 تارقىتىلدى

UyghurWeb تور بېكتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپلىرى ۋە مەدەت بىرىپ قوللىشى ئاستىدا ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق بېكەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھەم ئۆز نىشانى بويىچە ئۈزلۈكسىز ئالغا كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان بىلىم، ئىجادىي ۋە تەرجىمە دېتاللارنى كۆپچىلىككە سۇندى، شۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بېكەتلەرنىڭ قۇرۇلىشىغا تۈرۈتكە بولدى. UyghurWeb تور بېكىتىدىكى پروگراممىر ۋە ھەۋەسكارلار بىرلىكتە UyghurWeb PHP نى ھۇجۇتقا كەلتۈردى.
__ UyghurWeb PHP بولسا Windows مۇھىتىدا PHP, Mysql, Apache, Zend Optimizer, phpMyAdmin قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى تىزلىك بىلەن كومپيۇتېرىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ PHP پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش، Mysql ساندانلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىمىزنى ئېنتايىن قولاي شارائىتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

UyghurWeb PHP 1.0 نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. PHP ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى كومپيۇتېرىمىزدا قۇرىدۇ.
2. Mysql ساندان باشقۇرۇش مۇھىتىنى كومپيۇتېرىمىزدا قۇرىدۇ.
3.Apache تور مۇلازىمېتىر پروگراممىسىنى كومپيۇتېررىمزىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
4.Zend Optimizer نى PHP بىلەن ماسلاشتۇرۇپ PHP ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ.
5. phpMyAdmin نى كومپيۇتېرىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق Mysql ساندانلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىمىزنى كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
6. PHP, Mysql, Apache, Zend Optimizer, phpMyAdmin قاتارلىقلارنى ئۆزلىكىدىن ماسلاشتۇرۇپ، بىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلايدۇ.

UyghurWeb PHP 1.0 ئۆز ئىچىگە ئالغان دېتالار ۋە نەشىرلىرى:


Apache-2.2.8
PHP-5.2.6
MySQL-5.0.51b
Zend Optimizer-3.3.3
phpMyAdmin-2.11.6


تۆۋەندە ئۇنىڭ قاچىلىنىش ئۇسۇلىنى ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تۆۋەندىكىسى قاچىلنىش ئاساسىي يۈزى

بۇنىڭدىن ھۆججەت سومكىسىنىڭ سىن بەلگىسىنى چىكىپ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويىمىز.


ئورۇننى كۆرسىتىپ بولغاندىن يېكىن مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسىمىز.


ئاندىن قاچىلىنىشقا باشلايدۇ...


چۈشۈرۈڭ

ئەسكەرتىش: پروگراممىنىڭ بەزى قىسىملىرى باشقا پروگراممىلاردىن ئۆزلەشتۈرۈلدى،كۆرۈنىشى بەزى مەسلىلەر تۈپەيلى ھازىرچە خەزۇ تىلىدا ياسالدى. دوستلار توغرا چۈشەنگەي.

[ 本帖最后由 UyghurWeb 于 2008-9-17 09:16 编辑 ]
http://www.uyghurweb.com

TOP

بۇ  ناھايىتى   ياخشى بىر  ئىش   بوپتۇ !
ئەمما  端口  پەقەت 80  نىلا   تونۇمدا    مەن  قاچىلاپ  پەقەت   قوزغىتالمىدىم !
مىنىڭ 端口   رىمنى  迅雷  ئىگەللىۋاپتىكەن،،،شۇ  ئىشلىتەلمەي  يۇرىمەن!
ئۆزگەرتسەممۇ  بولمىدى!!

TOP

چۈشۈرۈش ئادرېسى توغرا ئۇلانمىدىمۇ قانداق؟ مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟
تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن!

TOP

نەقىل:
原帖由 polkonic 于 2008-7-11 13:22 发表
بۇ  ناھايىتى   ياخشى بىر  ئىش   بوپتۇ !
ئەمما  端口  پەقەت 80  نىلا   تونۇمدا    مەن  قاچىلاپ  پەقەت   قوزغىتالمىدىم !
مىن ...
سىز ئېغىز ئۆزگەرتكەندە ئامال بار سىستېما ئىشلەتمىگەن ئېغىزغا ئۆزگەرتىڭ. 1~1024 غىچە بولغان ئېغىزلارنىڭ ھەممىسىنى سىستېما ئېلىپ بولغان، سىز 8000، 8080، 8800 دىگەندەك ئېغىزلارغا ئۆزگەرتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇ بوش ئېغىزلار.
http://www.uyghurweb.com

TOP

نەقىل:
原帖由 kutdiyar 于 2008-8-13 12:31 发表
چۈشۈرۈش ئادرېسى توغرا ئۇلانمىدىمۇ قانداق؟ مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟
تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن!
چۈشۈرۈش ئادرېسى تۈزىتىلدى، ئەمدى كىرىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ياكى بولمىسا بىۋاستە http://down.uyghurweb.com يەنە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورى چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
http://www.uyghurweb.com

TOP

 21 123
يېڭى تېما يوللاش