يېڭى تېما يوللاش
پرىنتلاش

سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى لاھىيەلەش باسقۇچلىرى

سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى لاھىيەلەش باسقۇچلىرى

بىز ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىقتىدارلار
1. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ساندان قۇرۇشىمىز لازىمدۇر ، بۇ سېستىمىدا بىز phpmyadmin دىن پايدىلىنىپ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنىڭ ساندانىنى لاھىيەلەيمىز ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغانلىرىدىن سۆز قالدۇرغۇچى نامى ، سۆز تېمىسى ، سۆز مەزمونى ۋە سۆز نۇمرى(بۇ يەردىكى سۆز نامى بولسا ساندان ئىچىگە قالدۇرغان سۆزلەرنى رەت تەرتىۋى بويىچە تىزىش ھەمدە شۇ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى قالدۇرۇلغان سۆزلەر دىگەن بەتكە تېمىسى بويىچە ۋاقىت ئالدى كېيىنلىك بويىچە تىزىش ) ، بۇندىن باشقا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىراق قىلاي دىسىڭىز سۆز قالدۇرغۇچى باش سۆرەت تاللاش ، سۆز قالدۇرغۇچى پارول كىرگۈزۈش ، سۆز قالدۇرغۇچى ip ئادرىسىنى خاتىرلەش ۋە جىنسى كۆرسىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى قوشسىڭىز بولىدۇ.
2.ساندان قۇرىۋالغاندىن كېيىن سېستىمىنىڭ ساندانغا ئۇلىنىشى مۇھىم بىر باسقۇچ ، بۇ باسقۇچتا mysql سانداننىڭ مۇلازىمىتىرى ، ئەزا نامى ، پارولى ۋە ساندان نامى قاتارلىقلارنى بىكىتكەندىن كېيىن sandan.php دەپ بىر ھۆججەت قۇرۇپ ، مۇشۇ ھۆججەت ئىچىدە ساندانغا ئۇلاش مەشخولاتى ئېلىپ بارىمىز ، كېيىن سۆز قالدۇرۇش بېتى ۋە سۆز كۆرۈش بەتلىرىدە پەقەت require ئارقىلىق بۇ بەتنى يۆتكەپ كېلىمىز يەنى ھەر قېتىمدا بىر مۇشۇنداق ئۇلاش باسقۇچىنى تەھرارلاشتەك ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش.

داۋامى بار...
ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

TOP

bax.php ئادەتتە head ياكى header دەپ ئېلىشى مۇمكىن ، بۇ يەردە bax دەپ ئېلىش چۈشۈنۈشلىك بولۇشى ئۈچۈن
بۇ ھۆججەتنىڭ كۇدى تۆۋەندىكىچە
نەقىل:
<!DOCTYPE html PUBLIC "-//W3C//DTD XHTML 1.0 Transitional//EN" "http://www.w3.org/TR/xhtml1/DTD/xhtml1-transitional.dtd">
<html xmlns="http://www.w3.org/1999/xhtml">
<head>
<script src="bedit.js" type="text/javascript"></script>
<script language=javascript>
attachAll = true;
bedit_deny="email";
</script>
<meta http-equiv="Content-Type" content="text/html; charset=utf-8" />
<title>UYPHP Guestbook</title>
<style>
span{
        text-align:"center";font-size:11px;
}
BODY{
        margin:0px 8px 2px 5px;color:#011C47;font-size:12pt;line-height:100%;
        font-family: ukij tuz tom;}
*{font-family:"UKIJ Tuz Tom"; direction:rtl; }
</style>
</head>
<table border="0" width="100%" cellpadding="2" height="12">
<tr>
<td width="100%"><p align="center">
<a href="index.php"><img border="0" src="image/logo.gif" width="329" height="60" alt="Suz Bar"></a></td>
</tr>
<tr>
<td width="100%" height="6"><p align="center">
<font color="#000">[</font>
<a href="yezix.php"><font color="#008000">سۆز قالدۇرۇش</font></a>
<font color="#000">]</font>
<font color="#000">[</font>
<a href="kurux.php"><font color="#008000">سۆز كۆرۈش</font></a>
<font color="#000">]</font>
<font color="#000">[</font>
<a href="izdex_yezix.php"><font color="#008000">سۆز ئىزدەش</font></a>
<font color="#000">]</font>
<font color="#000">[</font>
<a href="kir.php"><font color="#008000">باشقۇرۇش</font></a>
<font color="#000">]</font>
<font color="#000">[</font>
<a href="index.php"><font color="#008000">باش بەت</font></a>
<font color="#000">]</font>
</td>
</tr>
</table>
بۇ كۇدنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، ئەڭ ئۈستىدە <head> نىڭ ئالدىدىكى مەزمونلار بەتنىڭ خاسلىقىنى بىكىتىش ، يەنى بەتنى utf-8 گە توغرىلاش ، خەلقارا ئۆلچەمدىكى html بەلگىلەش قاتارلىقلار ، ئاستىدىكى بولسا bedit.js دىگەن ھۆججەتنى قىستۇرۇش ، بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھۆججىتى ، ئاستىدىكى bedit_deny="email";  بولسا ئېلخەت تولدۇرۇشتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدۇ دىگەن مەنىدە ، بۇنىڭ ئاستىدىكى رايون بولسا باش بەت ، سۆز قالدۇرۇش ، سۆز كۆرۈش ، سۆز ئىزدەش ، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلىنىش ئادرىسى بولىدۇ.
بۇ بەتنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق php كۇدى ئىشلەنمەيدۇ ، بۇ بەت پەقەت كېيىن يۆتكەپ ئەكىلىش ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ، يەنى باشقا بەتلەرە بىز
复制内容到剪贴板
كۇد:
include('bax.php');
كۇدى ئارقىلىق بۇ بەتنى قىستۇرۇپ ئەكىرىمىز.
ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

TOP

ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن

TOP

ساندان لاھىلەشنى دەسلەپتە پۈتتۈرۈش كېرەك ، چۈنكى بىز سانداننىڭ سىتكىسىغا قاراپ تۇرۇپ كۇد يازىمىز ، بۇنداق بولمىغاندا خاتالىق كۆرۈلىشى مۇمكىن ، تۆۋەندە بۇ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنىڭ ساندانىنى لاھىلەيلى ، ئەڭ ئاۋال ساندان قۇرىمىز ، phpmyadmin ئارقىلىق بىر ساندان قۇرايلى ، مەن بۇ يەردە ساندان نامىنى suzbar دەپ ئالدىم(چوقۇم utf-8 دە كۇدلىنىشى كېرەك ، ئۆزىڭىز خالىغان نام قويسىڭىز بولىدۇ ، ئاندىن سىتكىدىن بىرنى قۇرىمىز يەنى (表) مەن بۇ مىسالدا suz  دەپ قۇردۇم .
ئەمدى بۇ suz  دىگەن سىتكا ئىچىدە قانداق قىممەتلەر ساقلىندۇ ، ئەڭ مۇھىمى سۆز نۇمرى يەنى ID ، ئاندىن سۆز قالدۇرغۇچى ئىسمى eza ، سۆز تېمىسى tema، سۆز مەزمونى mezmon ،سۆز قالدۇرغان ۋاقتى wakti ، بۇ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىدە ھازىرچە مۇشۇ قىممەتلەرنى ساقلاش ۋە ئوقۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى.سىتكا لاھىيەسى مۇنداق بولىدۇ .
复制内容到剪贴板
كۇد:
create table suz (
    ID int(6) not null auto_increment,
    eza varchar(30),
    tema varchar(120),
    mezmon text,
    wakti datetime,
    primary key(ID)
) ENGINE=InnoDB DEFAULT CHARSET=utf8;
يۇقارقى كۇد phpmyadmin دا ساندان قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ ساندان ئىچىدە SQL دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز 在数据库 suzbar 运行 SQL 查询 دىگەن خەت چىقىدۇ ۋە بىر كۇد يۈرگۈزۈش ، كىرگۈزۈش ئورنى چىقىدۇ ، شۇنىڭ ئىچىگە بۇ كۇدنى قويۇپ يۈرگۈزىسىز ، دىمەك سانداق ۋە سىتكا پۈتتى .
بۇ كۇدنىڭ بىرىنجى قۇرى بىر سىتكا قۇرۇش ، سىتكا نامى suz ، ئىككىنجى قۇر ، سۆز نۇمرىنى ساقلاش بۆلىكى (字段) نى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلالمىدىم ، ئۈچىنجى قۇر سۆز قالدۇرغۇچى نامى eza ، تۆتىنجى قۇر سۆز تېمىسى tema ، بەشىنجى قۇر سۆز مەزمونى mezmon، ئالتىنجى قۇر سۆز قالدۇرۇش ۋاقتى wakti ،  يەتتىنجى قۇر بۇ قالدۇرغان سۆزلەر ID نۇمرى ، سۆز نۇمرى بويىچە ساندانغا تىزىلدۇ دىگەنلىك، ئەڭ ئاخىرقى قۇر بولسا سىتكا ۋە ھەرقايسى قىممەتلەر utf-8 دە كۇدلىندۇ. ئەمدى ساندان قۇرۇش تاماملاندى.
ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

TOP

يېڭى تېما يوللاش