تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: LXblog نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن

aramga 2008-10-30 10:46

LXblog نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم !

مەن phpwind نىڭ مەھسۇلاتى بولغان LXblog نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم . بەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى قوشقاندىن كىيىن كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولدى ، لىكىن تەھرىرلىگۈچنىڭ تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئىشلىمىدى ، كونۇپكىلار بېسىلمىدى ، چىراي ئىپادە قوشۇش ئىقتىدارىمۇ نورمال ئىشلىمىدى .
بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلسام بولىدۇ ، قارىسام بۇ تەھرىرلىگۈچ phpwind مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ تەھرىرلىگۈچى بىلەن ئوخشاشتەك قىلىدۇ ، مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار .

[img]http://i3.6.cn/cvbnm/a8/ed/d8/07927822c139be28900da6f840a0704d.jpg[/img]

oghuz 2008-10-30 11:42

مېنىڭچە js ھۆججەتنىڭ مەسلىسى بولىشى مۇمكىن...
ئەگەر مۇنبەرنىڭ تەھرىرلىگۈچىگە ئوخشاش بولسا سىز ئاۋال نورمال ئشىلىگەن مۇنبەرنى تېپىپ شۇنىڭ jsھۆججىتىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.

aramga 2008-10-30 12:39

bedit.js دىگەن كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەنتىم ئوڭشالدى ، لىكىن يەنە بىر مەسىلە ،  پەقەت windcode تەھرىرلەش ھالىتىدىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىۋاتىدۇ ، 所见即所得 دىگەن تەھرىرلەش ھالىتىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمىدى ، بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ ؟
ئوغۇز ئەپەندى تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.

oghuz 2008-10-30 23:56

سىز گىپىمنى چۈشەنمەپسىز ، سىز دىگەن bedit.js پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، باشقا كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچ بولسا بىرقانچە js  ھۆججەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، سىز ئېيتقاندەك phpwind نىڭ تەھرىرلىگۈچى بىلەن ئوخشاش بولسا ، سىز phpwind ئىشلىتىۋاتقان ھەم كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچى نورمال ئىشلەۋاتقان مۇنبەرنىڭ js ھۆججىتىنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ ، بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولسا تېخى ياخشى .
بەت: [1]
تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: LXblog نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن