oghuz 2008-4-9 17:02
ئۇيغۇر php تورى قايتا ئېچىلدى
ئەسسالام مۆھتىرەم تورداشلار!
بىكىتىمىز 5 ئاي ئىلگىرى بىرقانچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالغان ، شۇ ۋاقىتتا ساقلىنىپ قالغان ساندان بويىچە ئەزالارنى ساقلاپ قالدۇق ، بىراق سەھىپە ۋە تېمىلار ساقلاپ قىلىنمىدى ، شۇنداقلا مۇنبەر سېستىمىسى ئەسلىدىكى phpwind مۇنبەر سېستىمىسىدىن Discuz مۇنبەر سېستىمىسىغا يۆتكەلدى ، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بىكىتىمىزنىڭ نامى uyphp بولغانلىقى ئۈچۈن تورداشلارغا php توغرىسىدا ئەتراپلىق ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشنى ئويلاشتۇق ، ئەسلىدىكى مۇنبىرىمىز بولسا phpwind مۇنبەر سېستىمىسىغا بىقىنىپ قالغان ، بىكىتىمىز ئەزالىرىغا بولۇپمۇ ئۆزۋاقتىدا ھەقلىق ئەزا بولغان تورداشلارغا phpwind مۇنبەر سېستىمىسىدىن باشقا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلالمىدۇق. بۇندىن كېيىن مۇنبىرىمىز رەسمىي ھالدا php توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي مۇنبەر بولغۇسى.
بىكىتىمىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مۇنبەر سېستىمىسى Discuz6.0 نەشىرىنى UyghurWeb تەرجىمە قىلغان Discuz6.0 نەشىرىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تەرجىمە قىلغان ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال UyghurWeb توربىكىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
ئەمدى ھازىرقى مۇنبىرىمىزنىڭ سەھىپىلىرىگە قاراپ باقساق مۇنبەر سەھىپىلىرى پەقەت php نى چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈپ چىقىلدى ، ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ يەنە قانداق تەكلىپلىرى بولسا ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ ، بۇندىن كېيىن مۇنبىرىمىز ھەرقايسى php ئۇستىلىرىنىڭ مۇنبىرىمىزدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ يولۇققان مەسلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ يېڭى ئۆگەنگۈچى تورداشلارنى بىللە يىتەكلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
qutbilik 2008-4-10 22:21
oghuz ئەپەندى سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان ،سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى ..بولسا مەن بىلەن بىر ئالاقە قىلغان بولسىڭىز ...چ چ :137936175 رەخمەت
karakash 2008-4-23 14:31
مۇبارەك بولسۇن.
ئوغۇز ئەپەندىمۇ شۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان بولدى.
uyphp تورىنىڭ يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
karwan 2008-4-29 22:08
مەن بۇ توربەتنى ياختۇراتتىم .
بىر چاغلاردا تاقىلىپ قاپتىكەن.
ئەمدى ئېچىلىپتۇ بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ.
ھە راس سىلەر Discuz!6.0 نى تارقاتمامسىلەر؟
birlaxma 2008-4-30 10:09
سىزدىن تەلىم ئالغۇم بار ئىدى سىزنى قوللايمىز ،بولسا كۆپرەك تەلىم بىرىپ تۇرارسىز
مۇبارەك بولسۇن مۇنبەر ئاخىرى قايتىدىن قۇرۇلۇپتۇ .مۇبارەك مۇنبىرىڭىز php ساھەسىدىكى
ئايلانغۇسى .....مۇبارەك بولسۇن